خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قۇراللىق كۈچلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ 5-سېنتەبىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان، بۇ بەش ئايغا سوزۇلغان توقۇنۇشنىڭ ئاياغلىشىشىغا بېسىلغان تۇنجى قەدەم. ئۇكرائىنا ئىچكى توقۇنۇشىدا قازا قىلغانلار 2000 غا يەتكەن، بۇ ھەم روسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ سوغۇق ھالەتكە كەلتۈرگەن. ھالبۇكى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسكى شەھىرى ئايرودرومى ئەتراپىدا 7-سېنتەبىر يەنە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان، كىشىنى ئەنسىرىتىدىغىنى ئوننەچچە سائەت داۋاملاشقان ئۇرۇش توختىتىش ئاياغلىشىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى پورت شەھرى مارىئۇپولدا ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بازىسى 5-سېنتەبىر يېرىم كېچىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى