بۇ ، 8-سېنتەبىر تاۋۇز چاغىنى كۈنى كەچتە ، شىنجاڭ كورلا شەھىرىدە تارتىلغان تولۇن ئاينىڭ سۈرىتى . ئىگىلىنىشىچە ، 2014-يىللىق تاۋۇز چاغىنى 1976-يىلىدىن كېيىنكى 38 يىلدىن بۇيان ئەڭ بالدۇر كەلگەن بىر قېتىملىق بولۇپ ، شىنجاڭدىكى ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، 1976-يىلدىكى تاۋۇز چاغىنىمۇ 8- سېنتەبىر كەلگەن ، 2014-يىلدىكى رېكورد يەنە 38 يىلدىن كېيىن 2052-يىلى بۇزۇلۇپ ، 2052-يىلى 7-سېنتەبىر تاۋۇز چاغىنى كېلىدىكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن ، 2033-يىللىق تاۋۇز چاغىنى بىلەن 2014-يىللىق تاۋۇز چاغىنى بىر كۈندە ، 8-سېنتەبىر كېلىدىكەن .