خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى: «دەۋر مېلودىيەسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» مۇشائىرە ئەنجۈمەنى ۋە «ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران شېئىر ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» 9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن كورلىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىمىت سادىق رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىنغا ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروففېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئابلا، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، ھازىرقى پەخرىي رەئىسى، مەشھۇر يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەخمۇت توختى ئەپەندى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ گوچىڭ ئەپەندى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ھۆرمەت ساھىبى شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران ئەپەندىلەر ھەم ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلار قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ شېئىر، ماقاللىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى، مۇشائىرەلەر ئوقشتى. ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازاد سۇلتان ئەپەندى بىلەن بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ دائىمى ھەيئىتى، بىرلىكسەپ بۆلۈمنىڭ باشلىقى ئەنۋەر ئابلالار شائىر ئۆمەر مۇھەممەتئىمىنگە تون كىيدۈردى.
سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈشلەر
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى