تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا بىخەتەرلىك ، مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى ۋە 10-نۆۋەتلىك شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر كۆرگەزمىسى 8-ئاۋغۇستتىن 10-ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى . دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 350 كارخانا-گۇرۇھلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ ، بىخەتەرلىك ، مۇداپىئە ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ، قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىل ۋە ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى كۆرگەزمە قىلدى .