8-ئاۋغۇست، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7-فىلوتىنىڭ ‹‹كۆك چوققا›› ناملىق ھەربىي پاراخوتى چىڭداۋ تاشقى دېڭىز تەۋەلىكىدە جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە چارلاش مانېۋىرىغا قاتناشتى. جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسى ‹‹A054›› تىپلىق قوغدىغۇچى پاراخوت، ‹‹يەنچېڭ 546-نومۇر›› ۋە ‹‹022›› تىپلىق پاراخوتنى ئەۋەتتى.