باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇنشەن «2-ئاۋغۇست» پارتلاش ۋەقەسىنىڭ قالدۇق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)

قازا قىلغانلار 71 كىشىگە كۆپەيدى، 186 نەپەر يارىدار داۋالانماقتا

2014.08.04 13:47   مەنبە: خەلق تورى

كۇنشەن «2-ئاۋغۇست» پارتلاش ۋەقەسىنىڭ قالدۇق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھىرى 3-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، كۇنشەن «2-ئاۋغۇست» پارتلاش ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىش ۋە يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردى. كۇنشەن شەھىرىنىڭ باشلىقى لۇ جۈن نۆۋەتتە 186 نەپەر يارىدارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقى، 71 ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، ۋەقەگە ئالاقىدار قالدۇق خىزمەتلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  2-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، كۇنشەن شەھىرىنىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى جۇڭرۇڭ مېتال بۇيۇملار چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل بالونىنى پارقىرىتىش سېخىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى، بۇ دەسلەپكى قەدەمدە كارخانا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جاۋابكارلىقىغا چېتىشلىق ۋەقە دەپ ھۆكۈم قىلىندى، ۋەقە چاڭ-توزاندىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىنماقتا. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يارىدارلار ئايرىم-ئايرىم نەنجىڭ، شاڭخەي، چاڭجوۋ، ۋۇشى، نەنتۇڭ، سۇجوۋ، چاڭشۇ، كۇنشەن قاتارلىق 8 شەھەردىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا قۇتقۇزۇلغان. دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرى مەملىكەت بويىچە 50دىن ئوشۇق داڭلىق مۇتەخەسسىسنى ھەرقايسى داۋالاش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى داۋالاش تارماقلىرى ئەڭ ياخشى ئەسلىھە ۋە دورىلارنى جىددىي يۆتكەپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان، ئۆلكىلىك سەھىيە نازارىتى رەھبەرلىرى ۋە سۇجوۋ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى نۇقتىدا تۇرۇپ داۋالاش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…
      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى