خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوۋباما 11-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي چىملىقىدا زىيارەتكە بارغان فرانسىيە زوڭتوڭى ئوۋلاڭدىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئوۋلاڭدى 10-فېۋرالدىن 12-فېۋرالغىچە ئامېرىكىدا دۆلەت زىيارىتىدە بولدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى