باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

كۇچا ئۆرۈكزارلىق باغچىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى چاغان مەزگىلدە ھەر كۈندە مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى(1)

2014.02.07 10:06   مەنبە: خەلق تورى

كۇچا ئۆرۈكزارلىق باغچىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى چاغان مەزگىلدە ھەر كۈندە مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق  ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى(1)

  سۈرەتتە: 3- فېۋرال ساياھەتچىلەر كۇچا ئۈرۈكزارلىق باغچىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا چاڭغا تېيىلماقتا.

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلدە، كۇچا ئۆرۈكزارلىق باغچىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانى كۈندە مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. كۇچا، توقسۇ، شايار، بۈگۈر قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى كىشىلەر كۇچادىكى بۇ چاڭغا تىيىلىش مەيدانىغا كېلىپ كۆڭۈل ئاچتى.

  قار- مۇز شىمالىي شىنجاڭدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن يېڭىلىق ئەمەس. ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بولۇپمۇ كۇچا ناھىيەسى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيەلەردىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بايلىق. چاڭغا تېيىلىۋاتقان لى شۆباۋ مۇنداق دېدى: «كۇچادىكى بۇ چاڭغا تېيىلىش مەيدانى ھەقىقەتەن قالتىسكەن، بۇ يەر قىش پەسلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كىشىلەر كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جاي بولۇپ قالىدۇ. چاغان مەزگىلىدە كۆپچىلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ يەرگە كېلىپ ئارام ئالغاچ كۆڭۈل ئاچسا بولىدىكەن. بۇ ھەم بەدەن چېنىقتۇرغانلىق ھەم ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشىمىزنى بىيىتقانلىق».

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشچە، چاغان مەزگىلىدە كۈنىگە چاڭغا تېيىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر مىڭدىن ئېشىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20ئەتراپىدا ئاشقان. كۇچا ئۆرۈكزارلىق باغچىسى چاڭغا تېيىلىش مەيدانغا توقسۇ، شايار، بۈگۈردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر نىسبەتەن كۆپ ئىكەن.

  

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش