18-يانۋار ، تيەنجىن ئېلېكتىروۋۇز ئىشلىتىش باشقارمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خادىملىرى ئېلېكتىروۋۇزلارنى تەكشۈرمەكتە
چاغانلىق يولۇچى توشۇش خىزمىتى باشلىنىشى بىلەن ، تيەنجىن ئېلېكتىروۋۇز ئىشلىتىش باشقارمىسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىراش كۈنلەرنى كۈتۈۋالدى . بۇ باشقارما بېيجىڭ-شاڭخەي ، تيەنجىن-چىنخۇاڭداۋ ، خاربىن-داليەن ، چىڭداۋ-جىنەن قاتارلىق لىنىيەلەردىكى ئېلېكتىروۋۇزلارنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ ، ئادەتتە ، ئېلېكتىروۋۇزلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا كۈندۈزى قاتناپ ، كېچىسى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىنىدىغان بولغاچقا ، باشقارمىنىڭ تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش خادىملىرى كەچ سائەت 7:00 دىن ئەتىسى سەھەر 7:00 گىچە بولغان 12 سائەت ئىچىدە 24 گۇرۇپپا ئېلېكتىروۋۇزنىڭ ئۈستى ، ئاستى ، ئىچى ۋە يول يۈرگەن ۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات ئانالىزىنى تەكشۈرۈپ ، ھەر بىر ئېلېكتىروۋۇزغا قارىتا ‹‹سالامەتلىك تەكشۈرۈش ›› ئېلىپ بارىدۇ .