- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


2014-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىغا بومبا يوشۇرۇندى، ئامېرىكىنىڭ 3- ئىقتىسادىي پاخاللىقى زورايماقتا(4)
2014.01.16 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگودا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى پەس كويغا چۈشتى
جۇڭگودىمۇ مەسىلىلەر بار. ئاساسلىق مەسىلە مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىنى قانداق ئۆزگەرتىش. جۇڭگو رەھبەرلىرى ئىچكى بازارغا يۈزلىنىش زۆرۈرلۈكى ئۈستىدە توختىلىشقا باشلىدى. ئىقتىساد تىز سۈرئەتتە ئاشقان، تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادتا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلىدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى %52 دىن 2013-يىلىنىڭ بېشىدىكى %36 گە تۆۋەنلىدى. بۇ مەزگىلدە تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىكى %25 دىن %47 گە ئۆرلىدى.
ئېنىقكى بۇ ئىنتايىن نورمالسىز ئەھۋال. جايلاردا مەبلەغ سېلىشقا ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. بۇنىڭدىكى قىسمەن سەۋەب شۇكى يەرلىك رەھبەرلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىشتىن بولدى.يېقىنقى بىر قانچە يىلدا جۇڭگونىڭ يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كرىزىسكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى. ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ قەرزى تىز سۈرئەتتە ئاشتى، بۇ ئاساسلىقى ئېشىشنى تىزگىنلىمەسلىكتىن بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت قەرزنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىمەكچى بولدى، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىدى. ئىقتىسادنىڭ قەرز پۇلغا تاينىشچانلىقى تېخىمۇ زورايدى.
مەبلەغنى ئىستېمالغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش ھەددىدىن زىيادە قىزىپ كېتىش ۋە يەرلىك قەرزىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن تېرىلغۇ يەرلەرنى سانائەت ۋە تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئىشلتىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. لېكىن يەر سېتىش يەرلىك مالىيەنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرىدىن بىرى. بۇ خىل كىرىم بولمىسا يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىشى قىيىنغا توختايدۇ. بۇ قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇنغان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغاندىن كېيىن، ئىستېمالنىڭ بۇ ياردەمنى قوبۇل قىلالماسلىقى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان ئەھۋالدا يەرلىكنىڭ قەرز مەسىلىسى مۇقىملىقنى بۇزىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئاۋارىچىلىق ئۈزۈلمىگەن ئەھۋالدا ، جۇڭگودىكى مەسىلە ھېچ گەپ ئەمەس، بىراق يېڭى ئېشىش قېلىپىدە بۇرۇلۇش ياساش ئىنتايىن مۈشكۈل، بولۇپمۇ دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ناچارلىشىۋاتقان ئەھۋالدا تېخىمۇ شۇنداق.
گەرچە كىشىلەر سىياسىي خاھىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا ئىقتىسادى بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ. ئۇزاق مەزگىللىك چېكىنىش ۋە بارغانسېرى كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئىقتىسادىي توقۇنۇشنى سىياسىي توقۇنۇشقا ئۆزگەرتىۋىتىپ بارىدۇ. قىسقىسى كونا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىسنى بېشىدىن ئۆتكۈزمەكتە. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بەرپا قىلىنغان جۇغراپىيىلىك ئىقتىسادىي تەرتىپ بۇزۇلدى. يېڭى تەرتىپنىڭ قاچان ئورنىتىلىشى تېخى ئېنىق ئەمەس. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى ئاشۇ يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر