ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 11-نۆۋەتلىك 2-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنى رىياسەتچىسى ليۇ يەنلياڭ.
مۇخبىرلىرىمىز مىلاقىز بەكرى، زەرىپە ئەھەد خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنى 15 - يانۋاردىن 19 - يانۋارغىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، چوڭ يىغىندا سۆزگە چىقىدىغانلار كۆپەيتىلىدۇ. بۈگۈنگىچە چوڭ يىغىندا ئوقۇلىدىغان سۆز تېزىسىدىن 159 پارچە يىغىۋېلىندى.
ئۇقۇشىمىزچە، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىغا قاتناشقان ئەزا 526 بولۇپ، يىغىندىن كېيىن بىر ئەزا كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، تۆت ئەزانىڭ خىزمىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ئىستېپا بەرگەن. بۇ قېتىم يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئەزا تولۇقلىنىپ 529 بولغان.
سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 - يىغىنىدا، ئەمەلىيەتچىل، تېجەشلىك بولۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، خىراجەتنى قاتتىق كونترول قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى 2013 - يىل 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە، گۇرۇھلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە ھەر مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن 447 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋالدى.