خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-يانۋار، ئۈچ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تاڭشەن نەنخۇ باغچىسىدا مۇز ئۈستىدە ئويناۋاتقاندا، ئىككىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن كاچكولغا چۈشۈپ كەتكەن، يەنە بىر ئوقۇغۇچىمۇ ئۇلارنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا مۇز كاچكولغا چۈشۈپ كەتكىلى تاسلا قالغان. ئەتراپىدىكى كىشىلەر تېزلىكتە كىلىپ، قول تۇتۇشۇپ، بۇ ئۈچ نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئوڭۇشلۇق قۇتقۇزۇپ چىققان. ئاخىرىدا بۇ قەھرىمان كىشىلەر ئاستا تارقىلىپ كېتىشكەن.
مەنبە: خەلق تورى