خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى : تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى 27-دېكابىر كەچتە ئىستانبولدىكى ئىجتىمائىي پەنلەر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ زالىدا بىر مەيدان ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنداپ ، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى .
جۇڭگونىڭ تۈركىيە ئىستانبولدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى جاڭ چىڭياڭ ئىستانبولدىكى ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى . شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ 20 نەچچە ئارتىسى ‹‹ جۇلا ›› ، ‹‹ چىنە ئۇسسۇلى ›› ۋە ‹‹ دولان مەشرىپى ›› قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تاماشبىنلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى ھەمدە تاماشىبىنلارنى بىرلىكتە ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىپ ، نەق مەيداننى ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈردى . نۇرغۇن تۈركىيەلىك ئامما بۇ ئېسىل نومۇرلاردىن تەسىرلىنىپ ، توختىماي ئالقىش ياڭراتتى .