خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستانلىق باي لاكېشىمى مىتائېر پولات-تۆمۈر كەسپىدىكى دۇنياغا داڭلىق ماگنات. 2004-يىلى ئۇنىڭ قىزى پارىژدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن نەچچە كۈندىلا 40 مىليون پوندسترلىڭ خەجلىۋەتكەن بولۇپ، بۇ توي مۇراسىمىنى «فۇبۇس» ژورنىلى «بۇ ئەسىردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى» دەپ باھالىغان. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا مىتائېرنىڭ جىيەن قىزى ياتلىق قىلىنغان بولۇپ، ھەشەمەتلىك دەرىجىسى يەنە بىر قېتىم دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. مىتائېر جەمەتى ئىسپانىيەنىڭ بارسىلونادا ئۇدا 3 كۈن ئولتۇرۇش ئويۇشتۇردى، توينىڭ جەمئىي چىقىمى 50 مىليون پوندسترلىڭ(خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 495 مىليون يۈەن) گە يەتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر