خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لوندوننىڭ ئەزەلدىنلا دۇنيا بويىچە «تۇمان پايتەختى» دېيىلىدىغان داڭقى بار، يېقىندا لوندوننى كۈنبويى دېگۈدەك تۇمان قاپلىۋېلىپ، كۈن ئولتۇرغان مەنزىرىنى كۆرۈشنى ئارزۇلاش ئارتۇقچە بىلىنىدىغان ئوي بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-دېكابىر خەۋەر بېرىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 11-دېكابىر، لوندوندا ئېغىر دەرىجىدە تۇمانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ، قويۇق تۇمان قاتناش ئىشلىرىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. نۇرغۇن نۆۋەتلىك ئايروپىلان بىكار قىلىنغان ياكى ئۇچۇشى كېچىكتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەلەككە تاقاشقان بىنالارمۇ تۇمان ئىچىدە كۆك ئاسمانغا سانجىلغاندەك ھەيۋەتلىك مەنزىرىمۇ شەكىللەنگەن.
مەنبە: خەلق تورى