خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 3-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، روسىيەنىڭ شەرقىي قىسىمىغا جايلاشقان كامچاتكا يېرىم ئارىلىدىكى بىر يانار تاغ شىددەتلىك پارتلاپ، ھاسىل بولغان مەنزىرە خۇددى ھوللىۋۇدنىڭ «ھۆكۈمران ئۈزۈك» فىلىمىدىكى رەزىللىكنىڭ مەنبەسى موردورغا ئوخشاپ قالغان. گېرمانىيەلىك فوتوگراف ماكې سىگېرۈيتې بۇ يەردە 12 كۈن تۇرۇپ، ئوتلۇق لاۋا ئېتىلىپ چىققان كۆرۈنۈشلەرنى سۆرەتكە تارتىۋالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى