- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«قۇتادغۇبىلىك (پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتىنى)نىڭ يېڭى نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى (3)
2013.12.04 16:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى تولۇقلاپ نەشر قىلدۇرغان پەرغانە نۇسخىسى 1934-يىلى س . س . س . ر پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۈركىيە تىل قورۇمىغا تەقدىم قىلغان پەرغانە نۇسخىسىنىڭ فوتو كوپىيەسىدىن ئېلىنغان فاكسىمىل نۇسخىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ نۇسخىنى مىرسۇلتان ئەپەندى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن جاپالىق ئىلمىي ئەمگىكى ئارقىلىق نەشىرگە تەييارلاپ ، 2012-يىلى 10-ئايدا نەشىرىياتقا تاپشۇردى ۋە نەشىر ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلۈپ ، بۇ يىل ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقتى .
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نى قايتا نەشر قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ تەقەززاسىدىن كېلىپ چىققان . قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدە مەيدانغا كېلىپ ، دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرگەن بۇ يادىكارلىقنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ ۋىنا ، قاھىرە ، پەرغانە نۇسخىلىرى يېتىپ كەلگەن . بۇ نۇسخىلارنىڭ يېزىقى ، بېيىت سانى ، كۆچۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە ئورنى ئوخشىمىغاندىن باشقا، سۆزلەرنىڭ ئىملاسىمۇ بىر-بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەنگەچكە ، ئۇلارنى تەپسىلىي سېلىشتۇرۇش مەيلى ئەڭ تولۇق ۋە توغرا مەتىنىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بولسۇن ياكى ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تولۇق تەسۋىرلەش ۋە شەرھلەشتە بولسۇن ، ناھايىتى رېئال ۋە نەزەرىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە .
‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ئاساسىدىكى تىرانسىكرىپىسيەلىك تېكىستى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى ئېلىمىزدە بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇن (نەسىرىي يەشمىسى 22 يىل بۇرۇن) نەشر قىلىندى ، شۇ چاغدا ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 914 يىل ، ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تەتقىقاتى چەت ئەللەردە باشلانغىنىغا 74 يىل بولغانىدى. دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارخانىيلار دەۋرىدىن كېيىن بۇ قىممەتلىك مىراس بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىشى ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشى تولىمۇ كېچىككەنىدى . لېكىن ، ئۆز ئەجدادى ياراتقان بۇ ئەسەرنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتىدىن چەكسىز پەخىرلەنگەن خەلقىمىز ئۇنىڭ ھېكمىتىدىن ئاجايىپ بىر ئىپتىخار بىلەن ئۈزلۈكسىز ھۇزۇرلاندى ۋە ئوزۇقلاندى . ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىلمىي ۋە بەدىئىي قىممىتىنى نامايان قىلىشقا ئۆزىنى بېغىشلىغان زىيالىيلىرىمىز بولسا ، 30 يىلغا يەتمىگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى ھەرقايسى پەن ساھەلىرى بويىچە تەتقىق قىلىپ ، نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى . بولۇپمۇ ئۇنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى 1986-يىلى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تەتقىقاتى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا كېڭىيىپ ، رەسمىي بىر پەن تۈسىنى ئېلىشقا باشلىدى ۋە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار قولغا كەلتۈرۈلدى . بىراق شۇنى ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› تەتقىقاتى بىزدە تېخى ئەمدىلا بارلىققا كەلگەن ، چوڭقۇرلۇققا ۋە كەڭلىككە ئەمدىلا يۈزلىنىۋاتقان يېڭى بىر پەن . شۇڭا تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزنى مول ، سەۋىيەمىزنى يۇقىرى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . ‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› تەك شاھانە ئەسەرگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن ، تەتقىقات ئاساسىمىزنى تېخىمۇ پۇختىلاپ ، ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نى تېخىمۇ يېڭى نۇقتىلاردىن، تېخىمۇ كۆپ ساھە ۋە قاتلاملار بويىچە چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىز ھەم تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر