- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«قۇتادغۇبىلىك (پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتىنى)نىڭ يېڭى نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى (2)
2013.12.04 16:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىگە تون كىيدۈرۈلدى |
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ پەرغانە نۇسىخىسى ئەڭ كېيىن تېپىلغان ۋە ھەممىدىن تولۇق نۇسخا بولۇپ ، ئۇنى مەشھۇر ئالىم زەكى ۋەلىدى توغان 1913-يىلىنىڭ ئاخىرى پەرغانەنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا تۇنجى بولۇپ بايقىغان .
‹‹قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ پەرغانە نۇسخىسىنىڭ قاچان ۋە كىم تەرىپىدىن قانداق مەقسەتتە كۆچۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات بولمىسىمۇ ، ئابدۇرەئۇپ فىترەت ئەپەندى قوليازمىنىڭ خەت نۇسخىسى ۋە ھەرپلەرنىڭ يېزىلىشى ، ئىملاسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ، ئۇنىڭ ئۆزى ياشىغان دەۋردىن 500 يىللار بۇرۇن ، ھەتتا ، ۋېنا نۇسخىسىدىنمۇ بالدۇر كۆچۈرۈلگەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن . غازى ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ پىروفېسسورى لەيلا قاراخاننىڭ ‹‹(قۇتادغۇبىلىك)نىڭ پەرغانە نۇسخىسىدىكى قۇر ئاستى ئىزاھلار توغرىسىدا ›› دېگەن ماقالىسىدە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، بۇ نۇسخىدا بەزى مەزمۇنلار كەمتۈك بولغاندىن باشقا، بەزى سۆلەرنىڭ ئاستىدا ، بەزى قۇرلارنىڭ ئۈستىدە ياكى بەزى بەتلەرنىڭ چۆرىسىدە ھەرخىل ئىزاھلار بولۇپ ، كۆپىنچىسى يانتۇ يېزىلغان . بۇ ئىزاھلارنىڭ قاچان ۋە كىملەر تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولمىسىمۇ ، بەزى فونېتىكىلىق، مورفولوگىيەلىك ۋە سېمانتىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ، شۇنداقلا بەزى سۆزلەر ۋە قوشۇمچىلارنىڭ قايسى دەۋردىن باشلاپ ئىستىمالدىن قالغانلىقىنى مۆلچەرلەشكە ياردەم بېرەلەيدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر