- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«قۇتادغۇبىلىك (پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتىنى)نىڭ يېڭى نەشىرىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى (1)
2013.12.04 16:59 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
پىراكتىكانت مۇخبىرىمىز گۈلمىرە غوپۇر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى بىلەن ئۈرۈمچى سەھەرچى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ‹‹ قۇتادغۇبىلىك (پەرغانە نۇسخىسىنىڭ مەتىنى) نىڭ يېڭى نەشرىنى تارقىتىش مۇراسىمى بۈگۈن ( 3-دېكابىر) چۈشتىن بۇرۇن قىزىل ياقۇت مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى .
مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ، شائىر ، تەرجىمان مۇختار مەخسۇت ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى ، پىروفېسسور ئازات سۇلتان ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل –يېزىق خىزمىتى كومېتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى ، ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تارىخ-مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى ، دوكتور ئاسپىرانت يېتەكچىسى ، پىروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ، جۇڭگو قۇرۇلۇش پەنلىرى ئاكادېمىكى ، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ، دوكتور يېتەكچىسى ھوشۇر ئىسلام ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئابدۇكېرىم راخمان ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى مىجىت ناسىر ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا ، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، تەتقىقاتچى ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىقلار ، مىللىي كارخانا ساھەسىدىكى قابىل يېتەكچىلەر ، شۇنداقلا ئۈرۈمچى سەھەرچى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن بولۇپ 150 كە يېقىن كىشى قاتناشتى .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر