خەلق تورىنىڭ 27-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: شى جىنپىڭ 26-چېسلا چۈفۇ ناھىيەسىدىكى كۇڭزى قەسىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم كۇڭزى تەتقىقات ئورنىغا كەلدى. كۇڭزى تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولغان كىتاب ۋە ژۇرناللار تىزىلغان ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شى جىنپىڭ ئۇ كىتاب-ژۇرناللارنى زور قىزىقىش بىلەن ۋاراقلاپ كۆردى، ئاندىن «مۇھاكىمە ۋە باياننىڭ شەرھى» قاتارلىق ئىككى كىتابنى قولىغا ئېلىپ «بۇ ئىككى كىتابنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىمەن» دېدى.
ئاندىن شى جىنپىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىس-ئالىملار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇزاق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇشقا قادىر. كۇڭزى ۋە كۇڭزىچىلىقنى تەتقىق قىلغاندا تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مەيداندا، قەدىمكىنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلاپ مېغىزىنى، ساختىسىنى چىقىرىۋېتىپ چىنىنى قوبۇل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئۇنى يېڭى دەۋر شارائىتىدا ئاكتىپ رول ئوينايدىغان قىلىش كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر