خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-چېسلا بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 21-چېسلا چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋەن رومپۇي ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىلەن 16-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ سىلەر بىلەن كۆرۈشتى. بۈگۈن مەن ئىككى رەئىس بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى ئۇچرىشىش يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىمەن، بۇ دەل جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقى بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ياۋروپا ئىتتىپاقى كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيانىڭ مۇھىم بىر قۇتۇپى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ھەمكارلىشىش ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، دۇنياغا تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىقتىن بىشارەت بېرىدۇ.
ۋۇ لىجۈن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى