خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 13-نويابىر كورىيە پايتەختى سېئۇلدا، زوڭتوڭ پياۋ جىنخۇي چىڭۋاتەيدە زىيارەتكە كەلگەن روسىيە زوڭتوڭى پۇتىن بىلەن باشلىقلار سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئىككى رەھبەر سۆھبەتتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، خادىملار ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش، چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى، شەرقىي-شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى