- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى (1)
2013.11.13 15:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى
ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى
‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارارى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى
ئومۇمىي يىغىندا پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنىڭ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى چاقىرىق قىلىندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – نويابىر تېلېگراممىسى. ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2013 – يىلى 12 – نويابىر ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنى 2013 – يىلى 9 – نويابىردىن 12 – نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ 204 ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ 169 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر