خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نويابىر، جېجياڭ يىۋۇلۇق يىگىت پۇجياڭغا بېرىپ چاي ئىچۈرشكە بارغان ۋە يىۋۇنىڭ ئەڭ ئالىي ئۆلچەم ئەنئەنىسى بويىچە «18-ئەپكەش» تويلۇق بەرگەن. بۇ 18 ئەپكەش تويلۇق ئىچىدە ھاراق، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىدىن باشقا 8 مىليۇن 888 مىڭ 888 يۈەن نەق پۇل بولۇپ، بۇ پۇللارنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 102 كىلوگرام كىلىدىكەن. يەرلىكتە تويلۇققا نەچچە ئون تۈمەن شۇنداقلا مىليۇن يۈەن بېرىش ئادەتتىكىچە ئىش بولۇپ قالغان. بىراق توي قىلغاندا قىز تەرەپ تويلۇقنى قايتۇرۇپلا قالماي يەنە تېخىمۇ كۆپ تويلۇق كىيىملەرنى سېتىۋېلىشى لازىم ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى