خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرى، شىنجاڭ مەكىت ناھىيەسى بىر ئۇيغۇر كەنتىدىكى بوش يەردە پاپۇز مۇسابىقىسى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بىر توپ ياشلار قوللىرىدا باش قىسىمى ئەگرى كالتەكنى تۇتىۋېلىپ، قىزغىنلىق بىلەن بىر تال ئاق توپنى تالاشماقتا. بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسى ھازىرقى زامان خوككىي توپىغا ئازراق ئوخشاپ قالىدۇ.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، پاپۇز توپى ۋە پاپۇز كالتەكلىرىنى شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۆزلىرى ياسىۋالىدۇ. دولانلىقلار يۇرتىدا پاپۇز ناھايىتى ئومۇملاشقان ئويۇن بولۇپ، ئۆلچەملىك توپ مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر، كەڭلىكى 40 مېتىر بولىدۇ. يېزىلاردا دولان دېھقانلىرى ئۇنچىلىك ھېسابلىشىپ كەتمەيدۇ، بىر تال بېشى ئەگرى دەرەخ شېخىنى سۇندۇرۇۋېلىپ، توم يىپنى ئوراپ ئاددىيغىنا توپپ قىلىپ، ئۈچ-تۆتتىن يەتتە-سەككىزگىچە ئادەم بىر يەرگە كەلسە، كەنتتىكى بوش يەرلەردە ھەر ۋاقىت ئوينىغىلى بولىدۇ.
بۇ بەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مۇسا ھەيدەر