خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئۆكتەبىر، جياڭشى ئۆلكىسى دۇچاڭ ناھىيەسى يىنشەن ئەتراپىدىكى سۇ ۋادىسىدا تارتىلغان پوياڭخۇ كۆلىنىڭ قۇرغاقچىلىقتىن يېرىلىپ كەتكەن كۆل قىنى. ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پوياڭخۇ تاتلىق سۇ كۆلىنىڭ سۇ ئورنى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان تېز تۆۋەنلەپ، سۇ تارتىلىش مەزگىلىگە سىزونىدىن بۇرۇن كىردى. 28-ئۆكتەبىر ئەتىگەن سائەت 8:00لەردە، پوياڭخۇ كۆلىنىڭ جياڭشى دۇچاڭ پونكىتىدا سۇ ئورنى 8.35 مېتىر بولۇپ، ئالدىنقى بىر كۈندىكىدىن 0.15 مېتىر تۆۋەنلەپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى. كۆل سۈيى ھازىرمۇ تېز تۆۋەنلەۋاتىدۇ. سۇ ئورنىنىڭ ئىزچىل تۆۋەنلەۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن جياڭشى ئۆلكىسى دۇچاڭ ناھىيەسى شۇنداقلا ئەتراپىدىكى يېزا ـ بازارلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ، ئاھالىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ تۇرمۇشىغا خېلىلا تەسىر يەتتى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان.