باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى(1)

2013.10.14 14:46   مەنبە: خەلق تورى

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى(1)

  بۇ يىل 15-ئۆكتەبىر دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىلدا بىر كېلىدىغان قۇربان ھېيت كۈنى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 13-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلار مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى چوڭ زالىغا يىغىلىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ قۇربان ھېيتنى قۇتلۇقلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئىسمائىل ئەھمەد، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت قاتارلىقلار تەبرىكنامە ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى.مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۆھرەت زاكىر پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شىنجاڭ ۋە بېيجىڭدىكى داڭلىق سەنئەتكارلاردىن ئادىل مىجىت، گىتار شاھى ئەركىن، ئۆسمۈر چولپان ئارافات قاتارلىقلار ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ھېيت شادلىقىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى 
      ·ئوتتۇرا، باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداشتا يەنە نۇرغۇن تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ
      ·باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇشتا، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ن…
      ·2014-يىللىق شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتىھانىنىڭ نومۇر چېكى بېكىتىلدى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش