- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


جۇڭگونى قورشاش ھەقىقەتەنمۇ بىر قىسىم ياپونىيەلىكلەرنىڭ خام خىيالى(1)
2013.07.29 10:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
فىلىپپىننىڭ ئاتالمىش يەرشارى خاراكتېرلىك جۇڭگوغا قارشى نامايىشى يېقىندا مانىلادا ئاددىيلا باشلاندى، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى مۆلچەردىكىدىن ئاز بولدى. مانىلانىڭ بۇ ئويۇنى نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ئاكىنو ئۈچىنچىنىڭ باش رەسىمىنى كۆيدۈرۈپ ئۆز دۆلەت ھۆكۈمىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىچىلىكمۇ قىزىمىدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا كۆپ ساندىكى فىلىپپىنلىكلەر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن كەسكىن قارشىلاشسا پايدىسى يوقلىقىنى بىلگەن، بۇ بىر مەيدان ئۇتتۇرۇش ئۆزىدىن مەلۇم بولغان مۇسابىقىدەك بىلىنگەچكە، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقى تەبىئىيلا سۇسلىغان.
بىراق فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ھەق ئالغان ئارتىستەك، تاماشىبىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئويۇننى ئويناۋەردى. ئۇنىڭغا پۇل بەرگىنى ۋاشىنگىتون ۋە توكيو ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىش ئىستىراتېگىيەسى بىر قانچە مۇقىم تايانچ نۇقتىغا مۇھتاج، جەنۇبىي دېڭىز ماجراسى ئەڭ مۇۋاپىق تاللاشلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا كۆرۈنۈشتە توقۇنۇشنىڭ قاتناشقۇچىسى بولمايدۇ، بىراق فىلىپپىننىڭ جۇڭگوغا قاتتىق پوزىتسىيە قوللىنىشتىكى روھىي تۈۋرۈكى بولىدۇ. ۋاشىنگىتوننىڭ يېرىم ئاشكارا، يېرىم مەخپىي قوللىشى ئاستىدا جۇڭگو بىلەن تىركىشىش، تەدرىجىي ھالدا فىلىپپىن سىياسىيسىنىڭ بىر خىل ئادىتىگە ئايلاندى.
ياپونىيە شەرقىي دېڭىز مەسىلىسىدە جۇڭگو بىلەن تىركەشمەكتە، گەرچە ئامېرىكا ئارقىدىن قوللاۋاتقان بولسىمۇ، بىراق جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئوخشىمايدىغىنى جۇڭگو بىلەن جېدەللىشىۋاتقىنى بىرلا دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ شەرقىي دېڭىزدا جۇڭگو بىلەن يەكمۇيەك ئېلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياپونىيەنىڭ بېسىمى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى، ئۇ جۇڭگونىڭ زېمىن ماجراسى مەسىلىسىدە ئىتتىپاقداشلارغا ئېھتىياجلىق، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئابې شىنزو يېقىندا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ، فىلىپپىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر بېكەت. ئۇ شۇ يەردە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە ياپونىيەنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتىنى ھەدىيە قىلىشى مۇمكىن، بۇ پاراخوت فىلىپپىننىڭ جۇڭگو بىلەن دېڭىزدا تىركىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل