- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»ئەھۋالى قانداق(2)
2013.07.24 13:41 مەنبە: خەلق تورى
ئاشكارىلانغان مەزمۇنلاردا ھۆكۈمەت خارەكتىرلىك فوند كىرىمى ۋە ھېسابات بوغۇش. يۆتكەپ چىقىم قىلىش قالدۇق ئەھۋالى كۆپىيىپ، ھۆكۈمەت خارەكتىرلىك فوند خامچوتىدىكى مالىيەنىڭ مەبلەغ ئاجرىتىش كىرىم چىقىم ئەھۋالى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. تۈر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ چىقىمى ئۆتكەن يىلدىكى مائارىپ، سەھىيە داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، دېھقانچىلىق سۇ ئىشلىرى، تۇرالغۇ كاپالىتى قاتارلىق بەش تۈردىن 7 تۈرگە كۆپىيىپ، ئىلمى تېخنىكا، مەدەنىيەت تەنتەربىيە ۋە تاراتقۇ قاتارلىقلار كۆپەيتىلدى. ئاشكارىلانغان مەزمۇنلار ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپلا قالماستىن، بىر قىسىم چىقىم قىلىنغان تۈرلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىمۇ تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى. مەركەز تارماقلىرى«ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»نى ئاشكارىلاش بىلەن بىرگە، نەق چوت ئومۇمىي سوممىسى ۋە تۈرلەرنىڭ سوممىسىنىڭ يىل بېشىدىكى خام چوتتىن كۆپەيگەن ياكى ئازايغانلىقىنىڭ سەۋەبى، خىزمەت بىلەن چەتئەلگە چىققان ئۆمەك ۋە ئادەم سانى، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى سېتىۋىلىش سانى، ئىگىدارلىق قىلىش سانى ۋە خىزمەتتە كۈتۈۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەركەز ئورگانلىرىنىڭ كونكېرت چىقىم ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.
نەقچوت مەلۇماتىنىڭ ئاشكارە بولۇشىدىن قارىغاندا، مەركەز تارماقلىرى ئارىسىدىكى چىقىم ئەھۋالىدا زور پەرقلەر بار. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟ بەي جىڭمىڭ بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: تارماقلار چىقىم كۆلىمى خىزمەت فۇنكىسىيىسى، ئاپارات تەسىس قىلىش ۋە ئادەم سانىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلەر بار. مەسىلەن:دۆلەت بېجى تارماقلىرى مەركەز بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى ئىدارە، ئاساسىي قاتلامدىكى باج ئورگانلىرىنىڭ چىقىمىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، شۇڭا چىقىم ئەھۋالى نەچچە مىڭ ئىدارىنىڭ چىقىمىنى جەملەش ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. بەزى تارماقلارنىڭكەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، قېدىرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق دالا پائالىيىتى كۆپ بولۇپ، قاتناش قۇراللىرىنى سېتىۋىلىش ۋە ئاسراش خىراجىتىمۇ خېلى كۆپ بولىدۇ.
بەي جىڭمىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ تارماقلارنىڭ چىقىمىنىڭ كۆپ بولۇشى ئوبېكتىپ ئېھتىياجدىن، ھەرگىزمۇ قالايمىقان پۇل خەجلىگەنلىك ئەمەس. تارماقلارنىڭ چىقىمى مەمۇرىي چىقىم، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۈچ خىل خىراجىتى»، تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى چىقىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇۋاپىق بولغان بولمىغانلىقى شۇ ئورۇننىڭ خىزمەت فۇنكىسىيىسى، ۋەزىپىسى، ئاپارات تەسىس قىلىش ۋە ئادەم سانى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. بۇيىل مەركەز تارماقلىرى نەقچوتىنى ئاشكارىلىغاندا، مالىيە چىقىمى ئاشكارە بولغاندىن سىرت، تارماق فۇنكىسىيىسى ۋە ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلمىسى، چىقىمنىڭ كونكېرت ئىشلىتىلىش يوللىرى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا چۈشەندۈرۈش بېرىلىپ، ئاممىنىڭ ئوخشىمىغان تارماقلارنىڭ نەقچوتىغا شۇ تارماقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئوبىكتىپ باھا بېرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت خەزىنىسى مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى:ئۆتكەن يىلى مەركەزدىكى 98 تارماق نەقچوتىنى ئاشكارىلىدى. بۇ يىل بىر قىسىم تارماقلار ۋە ئۇنىڭ فۇنكىسىيەسى تەڭشەلگەچكە، نەقچوتىنى ئاشكارىلىغان مەركەز تارماقلىرى ئازلىشى مۇمكىن. بۇ يىل ئاپارات ۋە فۇنكىسىيەسى تەڭشىلىدىغان تارماقلار ئوخشىمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇل بويىچە نەقچوتىنى ئاشكارىلايدۇ.
1. ئورگان ۋە فۇنكىسىيەسى قوشۇۋېتىلگەن تارماقلار، يېڭىدىن تەشكىللەنگەن تارماق قوشۇۋېتىلگەندىن بۇرۇنقى تارمقانىڭ نامىدا نەقچوتىنى ئاشكارىلايدۇ. مەسىلەن:دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيوكىنو تېلىۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئېنىرگىيە ئىدارىسى قاتارلىقلار ئەسلىدىكى ئىككى ئورگاننىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن.
2. قىسمەن فۇنكىسىيەلىك تەڭشەش ئېلىپ بارغان تارماقلار ئىزچىل نەقچوتنى ئاشكارىلايدۇ. مەسىلەن:دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى، دۆلەتلىك يېمەكلىك دورىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىقلار.
3. ئورگان بىلەن فۇنكىسىيە ئايرىلىدىغان تارماقلار ئاشكارىلاشنى كەينىگە سۈرسە بولىدۇ، مەسىلەن:ئىلگىرىكى تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە