خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىگىلىنىشىچە، ترامۋاي بېكەتكە كىرگەندە، بىر ئايالنىڭ ئىككى پۇتى نېمە سەۋەبتىندۇر ترامۋاي بىلەن بېكەت سۇپىسى ئارىلىقىغا قىسىلىپ قالغان، ئاندىن، ترامۋايدىكى ۋە بېكەتتىكى نۇرغۇن يولۇچىلار تۇشمۇتۇشتىن كېلىپ، بېكەت خادىملىرىغا ياردەملىشىپ ترامۋاينى ئىتتىرىپ يانتۇ قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغان. ھازىر ئۇ ئايال دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ. ئېگىلىنىشىچە ئانچە ئېغىر زەخمىلەنمەپتۇ. قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشكەن يولۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا بېكەت رادىئوسىدا تۇيۇقسىزلا « بىرەيلەن قىسىلىپ قالدى» دەپ ئۇقتۇرۇلۇشى بىلەنلا، ترامۋايدىكى يولۇچىلارمۇ چۈشۈپ، بېكەت خادىملىرىغا ياردەملىشىپ ترامۋاينى ئىتتىرىپ قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپتۇ.
JR شەرقىي ياپونىيە تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئېگىلىنىشچە، بۇ ۋەقەدە ماشىنىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 8 مىنۇت كېچىككەندىن سىرت، ترامۋاينىڭ يول يۆنىلىشىگە ھېچقانداق تەسىر يەتمەپتۇ.
مەنبە: خەلق تورى