شۇ كۈنى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مالالا كۈنى» تېمىسىدىكى ياشلار يېغىنى پائالىيىتىدە مالالا تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىكى تەۋرەنمەس ئاياللار كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئىرادىسى سەۋەبلىك، ئۆتكەن يىلى 9-ئۆكتەبىر تالىبانلار ئۇ ئولتۇرغان مەكتەپ ماشىنىسىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇنىڭ باش قىسىمىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. مالالا شۇ ئاينىڭ 15-كۈنى پاكىستاندىن ئەنگلىيەگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، 2-ئايدا دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئەنگلىيەدە قايتىدىن مەكتەپ قوينىغا قايتقان.