22 – ئىيۇن كەچرەك ئاپتوموبىل ئەترىتى يىپەك يولىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت قەشقەرگە يېتىپ كەلدى. ئاپتاپ پارلاپ چىققان 23 – ئىيۇل ئەتىگەندە جۇڭگو ۋە چەتئەللىك ساياھەتچىلەر قەشقەرنىڭ خەلقئارا بازىرى، ھېيتكار جامەسى، ئاپپاق خوجا مەقبەرەسى، ئارىيا كوچىسى، مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت كوچىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلدى، 600 يىلدىن ئاشقان قەشقەر كونا شەھەر رايونىنى، ئۇيغۇر قول ھۈنەر سەنئىتىنى كۆرۈپ مېھمانلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا قالدى.
ئارىيا كوچىسىدا كۆرگەن ھەر بىر كۆرۈنۈشنى توختىماي سۈرەتكە تارتىۋاتقان فرانسىيەلىك داڭلىق ساياھەتچى، فوتوگراف گېيۇم ئەپەندى جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمىغا ئۇدا بەش قېتىم قاتناشقان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ مەخسۇس يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەرنى كۆرگىلى كەلگەنىدى.
ــ قەشقەرنى كۆرۈپ بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە، قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە، ئىناق ئۆتىۋاتقان ئادەملىرىگە ئاشىق بولۇپ قالدىم، قەشقەرلىق ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىسى ماڭا يەنە ئىسمىمغا يېقىنراق ئۇيغۇرچە «قېيۇم» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى،- دېدى گېيۇم ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ـ 2007 – يىلى قەشقەرگە تۇنجى كەلگەنىدىم، ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتا كەلگىنىمدە ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ يەنىلا شۇنداق ئاقكۆڭۈللىكىنى ساقلاپ قالغىنى، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ شۇنچە تېز بولغىنى،- دېدى گېرمانىيە «سەھەر» ساياھەت شېركىتى باش دېرىكتورى برۇيسېر گېرخارد ئەپەندىم قەشقەر شەرقىي كۆل باغچىسى ئالدىدا تۇرۇپ.قەشقەر شەھىرى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرىنىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان نۇقتىسى بولۇپ، بۇ قېتىم ئالايتەن قەشقەرگە كەلگەن شېنجېن شەھەرلىك ساياھەت كوپىراتىپلىرى جەمئىيىتى باشلىقى لاۋ جىگۇاڭ ئەپەندىم مۇنداق دېدى:
ــ قەشقەر ماڭا ئاجايىپ تەسىر قالدۇردى، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار شۇنداق ئاقكۆڭۈل، شۇنداق مېھماندوست ئىكەن، بۇ قېتىم مەن شېنجېندىن قەشقەرگە ياردەمگە كەلگەن كادىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يىل ئۆكتەبىردە 2 مىليون 500 مىڭ يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، قەشقەردىكى نوپۇزلۇق ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى شېنجېندا شىنجاڭ قەشقەر ساياھەتچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەش ھەققىدە كېلىشتىم.
24 – ئىيۇن ساياھەتچىلەر ئاقسۇ دىيارىغا قاراپ يولغا چىقتى، 25 – ئىيۇن ئەتىگەندە ئونسۇ ناھىيەسىدە «ئونسۇ تەڭرىتاغ جىلغىسى» نى كۆرۈپ، يېقىندىلا دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا كىرگۈزۈلگەن تەڭرىتاغ تىزمىلىرىدىن بولغان مۇزتاغ ئاتا چوققىسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى، ھەرخىل قىياپەتتىكى گېدرولوگىيەلىك يەر شەكلى ھالەتلىرىنى تاماشا قىلدى. ئارقىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقىپ، شۇ كۈنى توقسۇ ناھىيەسى جاي كەنتىدە ئېچىلغان توقسۇ چالغۇ ئەسۋابلار مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ يەردىكى چالغۇ ياسايدىغان كەسپىي ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ھەرخىل چالغۇلارنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆرۈشتى.