باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئامېرىكا چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى(4)

2013.06.17 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى ھەر يىلى ھۆكۈمەت ئاجراتقان 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەمدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، بۇ پۇل ئاساسلىقى رەسمىي خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدىكەن. بۇندىن باشقا، باغچە بېلەت كىرىمىنىڭ %80 ى ئېلىپ قېلىنىدىكەن ھەم بوتكا، مېھمانخانا، ئات مىنىش قاتارلىق تىجارەتلەرنى قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىمىدىن بەلگىلىك پۇل ئېلىنىپ، ۋاقىتلىق ئىشچىلار ۋە باشقا جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىنىڭ بېلىتى ھازىر يەنىلا 15 يىل بۇرۇنقى سەۋىيە بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئۆستۈرۈلمىگەن. بېلەت باھاسىنى ئامېرىكا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت باغچىسىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى ھەر قايسى دۆلەت باغچىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئالاقىدار ئامىللارنى ئويلىشىپ تۈزىدىكەن، پارلامېنت تەستىقلىغاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىكەن.

  ھائىن خانىم خەلق باغچىنىڭ ئىگىسى. بىز بېلەت باھاسىنى يۇقىرى قىلىۋەتمەيمىز، ئەگەر شۇنداق قىلساق، كىرىمى يۇقىرى بولمىغان كىشىلەر تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ دېدى. باغچىدىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر بوتكىسى قاتارلىق سودىلارنى قىلىدىغان تىجارەتچىلەرنىڭ باغچە باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ سالاھىيەت تەلىپى بويىچە بەلگىلىك ئۆلچەمگە يېتىشى كېرەك ئىكەن. ئادەتتىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يېمەكلىك ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك ئىكەن.

  ھائىن خانىم ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، جۇڭگونىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئۇ مۇخبىر بىلەن پاراڭلاشقاندا، جۇڭگونىڭ ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن تەبىئىي مۇھىتنى ئاسراش ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، باغچىلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
【1】 【2】 【3】 【4】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە