- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئامېرىكا چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى(1)
2013.06.17 13:24 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان ئارىزونا ئىشتاتىدىكى چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى-ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ساياھەت نىشانلىرىنىڭ بىرى. 1919-يىلى رەسمىي قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ باغچىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، يىلىغا كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى دەسلەپكى 44 مىڭ ئادەم قېتىمدىن بۈگۈنكى كۈندە بەش مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى. دۇنيا تەبىئەت مىراسى بولغان چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى قانداق قىلىپ مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى؟ قانداق تەدبىرلەر ئۇنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى؟ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى بۇ ئەھۋاللارنى بىلىش ئۈچۈن 14-ئىيۇن بۇ باغچە پەن تەتقىقات ۋە بايلىق باشقۇرۇش تۈرىنىڭ مۇدىرى ماسا ھائىن خانىمنى زىيارەت قىلدى.
ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن بۇرۇنقى باھالاش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش ئىقتىدارىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئىي مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا تېرىشىپ كاپالەتلىك قىلدى.
ھائىن خانىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭ جىلغا دۆلەت باغچىسى ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، چوڭى بىنا سېلىشتىن كىچىكى ئەتىۋارلىق قۇشلار تۇرىدىغان بىر تۈپ دەرەخكىچە، تۈرنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان پايدىسىز تەسىرىنى باھالاشتا چىڭ تۇرغان. كونكرېت ئېيتقاندا، باغچىدىكى تۈرلۈك ساھەلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارغا بولغان ئالدىنقى مەزگىللىك باھالاشقا تەشكىللەپ، تۈرلۈك مۇمكىنچىلىكلەرنى تەتقىق قىلغان، ئەگەر مۇھىتقا بولغان بىر قەدەر چوڭ تەسىرنى بايقاپ قالسا، يەنە بۇنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان لايىھەنى چىقىرىش-چىقارماسلىقنى مۇھاكىمە قىلغان.
بۇ باغچە تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىتقا بولغان تەسىرىنى ئازايتقان. مەسىلەن: نۇرغۇن ساياھەتچى ماشىنا ھەيدەپ باغچىنى تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ ھاۋانى بۇلغايدۇ شۇنداقلا ساياھەتچىلەرگە مالىيە يۈكى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، باغچە ساياھەتچىلەرنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلىتىلىدىغان پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئاپتوبۇس ياكى ساياھەت ماشىنىسىدا تاماشا قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە