باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جايلار تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشنى چىڭىتتى(2)

2013.06.13 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شامىندىكى ئاممىۋي قاتناش گوروھىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: شوپۇرلاردىن باشقا بارلىق كىشلەرنى بىخەتەرلىك خادىمى دىيىشكە بولىدۇ، ھەممەيلەننىڭ بۇنداق قىلمىشلارنى توسۇش ھوقۇقى بار، يولۇچىلارنىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپ ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  پارتلاش سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى، ھازىر كۆپچىلىك ئاپتوموبلنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغان بولدى. شامىندىلا ئەمەس جايلاردىمۇ ئۆزگىرىش زور بولدى. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بارغانسىرى ئىنچىكىلەشتى.

  9-ئىيوندىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋىي ئاپتوبوسلىرىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى كۈچەيتىلدى. ھەر بىر تىز سۈرئەتلىك ئاپتوموبىلغا بىر بىخەتەرلىك خادىمى سەپلەندى، يولۇچىلار ئېلىپ چىققان بويۇملار تەكشۈرۈلدى، سۇغۇق ئىچىملىكلەرنى ئېلىپ كىرگەنلەرگە ئىچكۈزۈپ بېقىپ تەكشۈرۈلدى. مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تىز سۈرئەتلىك ئاممىۋىي قاتناش بىكەتلىرىدە نۇرغۇن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ يولۇچىلارنى تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولدى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى قاتنىشىدىكى ئاساسىي قوشۇن بولغان ب ر ت تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش لىنيەسىدە 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، كۈنىگە توشۇلغان يولۇچى 500 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، 1-ئىيۇن مەزگىلىدە تارىختا ئەڭ يۇقۇرى رىكورت يارىتىلىپ، 608 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى يولۇچىلار قاتنىشىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مېي خەيبو؛ نۆۋەتتە نۇرغۇن كاپالەتلىك تەدبىرلىرى چىقىرىلدى دېدى

  نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 4 ب ئا ت لىنيە يولىدا 95 بېكەت سۇپىسى بار، ھەممسىدە بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش خادىملىرى بار بولۇپ، ھەممىسىدە ئېلىپ يۈرۈشكە باپ كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان، شوپۇر ۋە بېكەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر قاتناش مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان.

  شىيامىندا ئاممىۋىي قاتناش 7-ئىيۇن ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئىككىنچى كۈنى شىئەن ئاممىۋىي قاتناش تارماقلىرى مۇنداق بەش تۈرلۈك تەدبىر چىقاردى: بىرىنچى، شوپۇرلارنىڭ ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشىنى چەكلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تىجارەت ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە قاتناش يوللىرى، بېكەت نۇقتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى ياخشى قىلىپ، بارلىق شوپۇرلارنىڭ خەتەرلىك ئۈچ بۇيۇمنى ماشىنىغا ئېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش ئېڭىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئاسان ئوت ئالىدىغان ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە