- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ‹‹ئىككى يىغىن››غا ئاكتىپ تەييارلىق قىلدى (1)
2013.03.01 14:05 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
 |
28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرىدىن دەيمىك دىۋانا بىلەن خەلىمان تەكلىپلىرى ھەققىدە پىكىرلەشمەكتە |
28-فېۋرال ، 2013-يىللىق مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› ئېچىلىش ھارپىسىدا ، يېڭىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان ئەزالار يىغىندىن بۇرۇن تەربىيەلەشكە قاتناشتى . شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئۆگىنىشتىن سىرت شەخسىي تەكلىپلىرى ۋە يازمىچە پىكىرلىرىنى ئاكتىپ تەييارلىدى .
يېڭىدىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان خەلىماننىڭ مىللىتى قىرغىز بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇشى ، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغانىدى . ئۇ يىغىندىن ئىلگىرىكى تەربىيەلەشنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قاراپ ، 18-قۇرۇلتاي ماتېرىياللىرى ۋە تۈرلۈك مەزمۇنلارنى قايتىدىن رەتلەپ چىقتى . ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا بالىلار ئىمونىتېت ئەملەش ، قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار تەكلىپلەرنى تەييارلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ئادەتتە خىزمەتتە تولىمۇ ئەستايىدىل ئادەم ، ياخشى قىلالايمەنمۇ يوق ، سەل جىددىيلىشىۋاتىمەن ، بۇ قېتىم مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن كۆپلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، كېلەر يىلى تېخىمۇ ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر