باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ياپونىيە كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا(3)

2013.01.09 08:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو پاراخوتلىرى دىياۋيۈ ئارىلىنى يەنە چارىلىماقتا

  ناخادىكى ياپونىيەنىڭ دېڭىز مۇھاپىزەت باش شىتابنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېڭىز مۇھاپىزەت نازارىتىنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتلىرى 7-يانۋار چۈش سائەت 11دىن 11دىن 40 مىنوت ئۆتكىچە بولغان ئارلىقتا جۇڭگونىڭ تۆت دېڭىز نازارەتچىلىك پاراخوتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارغا كىرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ دەرىجىسىنى باش ۋەزىر مەھكىمىسىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىشخانىسىغا ئۆستۈرۈپ، ئاخبارات توپلاش تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا.

  دېڭىز مۇھاپىزەت باش شىتابى مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو پاراخوتلىرىنىڭ بۇ يىل تۇنجى قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشى، ئالدىن قېتىم 2012-يىلى 12-ئايدا كىرگەن. دېڭىز مۇھاپىزەت چارلاش پاراخوتى داۋاملىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، جۇڭگودىن ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرى 7-يانۋار دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، جۇڭگو زېمىنىنى قوغداپ قالالمايدۇ، دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ياپونىيە دائىرىلىرى ھەربىي ئىشلار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى يېقىندىن پىلانلىماقتا، ھەربىي ۋاستە ئارقىلىق جۇڭگونى ۋاز كەچتۈرۈپ، دىيايۈ ئارىلىنى مەڭگۈ ئىگىلىمەكچى. 1-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ y-12 بەلگىلىك بىر دېڭىز چارلىغۇچى ئايروپىلانى يەنە بىر قېتىم دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىنى چارلىدى، ياپونىيە ئاۋىياتسىيە قوغدىنىش قىسمى F–15 بەلگىلىك كۆرەشچى ئايروپىلان چىقىرىپ، بوشلۇقتا توستى. بۇ ئىشتىن كېيىن، ئابى شىنزۇ كەسكىن ھالدا « مۇكەممەل مۇداپىئە تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك»، دېدى.

  ئابى شىنزۇ باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، مۇداپىئە خىراجىتىنى كۆپەيتىشكە تەييارلىق قىلىپ، قوغدىنىش قىسمى ئادەم سانىنى تولۇقلاپ، جۇڭگونىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئابى شىنزۇ ھەربىي ھازىرلىقلار چىقىمىنى كۆپەيتتى، بۇ يىل 4-ئايدا باشلىنىدىغان مالىيە يىلى ھەربىي چىقىمىنى %2 ئۆستۈرۈپ، يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى. نورمىدىن سىرت چىقىم قوغدىنىش قىسمىنىڭ خادىم سانىنى كۆپەيتىشكە ھەمدە قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ زامانىۋى ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىۋېلىشىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى قوغدىنىش قىسمى ۋە F–15بەلگىلىك كۆرەشچى ئايروپىلاننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن يىللىق مۇداپىئە خام چوتىغا يەنە بىر مىليارد 140مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ياپونىيەنىڭ دېڭىز مۇھاپىزەت نازارىتىنىڭ ئالى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ياپونىيەنىڭ دېڭىز مۇھاپىزەت نازارىتى «ئىشگاكى ئارىلى»نى مۇھىم نۇقتا قىلغان مەخسۇس چارلاش پاراخوت ئەترىتى تەشكىللەپ، جۇڭگونىڭ دېڭىز نازارەتچىلىك پاراخوتلىرىغا بىرمۇ بىر تاقابىل تۇرىدۇ. ياپونىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك سۆزلىشىش ئارقىلىق، دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ياپونىيە ئىزچىل بىر قولىدا تىنچلىقنى، يەنە بىر قولىدا قۇرال كۆتۈرۈپ، دىياۋيۇ ئارىلى مەسىلىسىنى ئەخمەق قىلماقتا.

  ئۆتكەن يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى قانۇنسىز ھالدا «دىياۋيۈ ئارىلى»نى سېتىۋالىمىز دەپ، دىياۋيۈ ئارىلى ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۋەتكەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خىزمەت پاراخوتلىرى ئىزچىل دىياۋيۇ ئارىلى دېڭىز ساھىلىدا ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن چارلاش ئېلىپ باردى. دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسى يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى «دېڭىز نازارەتچىلىكى 51» ناملىق پاراخوتنى داۋاملىق جۇڭگونىڭ دىياۋيۈ ئارىلى دېڭىز ساھىلىدا قەرەللىك ھالدا ھوقۇقىنى قوغداش چارلىشى ئېلىپ بېرىشقا ئەۋەتتى ھەمدە يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ دېڭىز نازارەتچىلىكى چارلىغۇچى ئايروپىلانلىرى يېقىندا دىياۋيۈ ئارىلى ئەتراپىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى يەنە بىر قېتىم چارلىدى. جۇڭگو خىزمەت پاراخوتى، دېڭىز نازارەتچىلىك ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى، ناۋادا ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنى ئىشقا سېلىپ جۇڭگونىڭ خىزمەت پاراخوتى، دېڭىز نازارەتچىلىك ئايروپىلانلىرىغا تاقابىل تۇرسا، بۇنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جۇڭگو مۇقىم، تىنچ بولغان ئەتراپنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىز چاتاق چىقىرىشنى خالىمايمىز، ئەمما ئىش چىقىرىشتىنمۇ قورقمايمىز. جۇڭگو ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنى ئىشقا سېلىپ، دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان بولسا، بىز ھامان تەييار دېدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە