- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ياپونىيە كۈچلۈك قوشۇن بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي جەڭگە تەييارلىق قىلماقتا(2)
2013.01.09 08:43
ياپونىيەنىڭ ئامېرىكا،كورىيە، رۇسىيەنى ئۆزىگە تارتىپ جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشى
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ 7- يانۋار ھۆكۈمەت خەۋەردار ئەرباپلىرىدىن ئىگىلىشىچە، باش ۋەزىر ئابى شىنزونىڭ 1- ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانى قىيىنچىلىققا يولۇققان، يېڭىدىن تەڭشەپ كېيىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدىكەن. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما 21- يانۋار 2- نۆۋەت ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىكەن، يەنە كېلىپ ئاي ئاخىرىدا دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن.
ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەمەلدارى 7- يانۋار ئامېرىكىغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بويىنىس قاتارلىقلار بىلەن ئابى شىنزونىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارەت سەپىرىنى تىزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش كۈن تەرتىپلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.
ئابى شىنزو ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتىپاقداشلىقىنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكىنى تۇنجى زىيارەت قىلىدىغان دۆلىتى قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەردار ئەربابى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسى مۇقىم ئەمەس. تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىگە كىرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئەرباب ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ پوتىنما بازىسى ئايرودۇرۇمىنى يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئابى شىنزونىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپلىگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ياپونىيە بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا.
ئابى شىنزونىڭ بۇ يىل 1- ئايدا قەرەلىدە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشى قىيىنغا توختايدىغاندەك قىلىدۇ. ئوبامانىڭ ئالدىراشلىقىدىن باشقا، ئامېرىكىمۇ باشلىقىلار سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئۆتكۈزۈش ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتكە تەسىر يېتىدىغانلىقىدىن ئەنسىرىمەكتە.
ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي شېرىكلىك كېلىشىمىگە كىرىش ياكى كىرمەسلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەسىنىڭ پوتىنما بازىسى ئايرودۇرۇمىنى يۆتكەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەلىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى قېيىنغا توختايدىغاندەك قىلىدۇ. تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: پىرېزىدېنت ئوباما سۆھبەتتە ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. شۇڭا ئامېرىكا بۇنداق بالدۇر سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىگە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتماقتا.
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ 6-يانۋار تۆت، بەشىنچى ئايلاردا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇش كۈنتەرتىپىنى تەڭشىدى. رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۈتىننىڭ شىمالدىكى زېمىن مەسىلىسىدە كۆرسەتكەن ئاكتىپ پوزىتسىيىگە قارىتا، ئابى شىنزۇ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن مەسىلىسىدىكى سۆھبىتىگە يول ئېچىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئابى شىنزۇ بىرىنچى ئىككىنچى ئايلاردا ئامېرىكا بىلەن كورېيەدە زىيارەتتە بولماقچى بولغانىدى. ئۇ پىرېزىدېنت پۈتىن بىلەن خۇسۇسىي ئالاقىسى قويۇق سابىق باش ۋەزىر ياشىرۇ مۇرىنى ئۆزى قولى يازغان خېتىنى ئېلىپ ئالاھىدە ئەلچى سۈپىتىدە 2-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشقا ئەۋەتىدۇ. ئابى شىنزۇ پۈتننىڭ پوزىتسىيىسىنى بىلگەندىن كېيىن رۇسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ.
ئابى شىنزۇ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتىن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ بىردەك زېمىن مەسىلىسىدىكى سۆھبەتنى رەسمىي باشلاش ئۈچۈن خىزمەت دەرىجىلىكلەر كېڭىشىنى پائال قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ ھېسابلىدى ھەمدە ئابى شىنزۇنىڭ يىل ئىچىدە رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇشىغا تەييارلىق قىلىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئابى شىنزۇ ئارقىدىن تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا «زېمىن مەسىلىسىدە ھەل قىلىنمىغان ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
تەيۋەن «ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى»دە 7-يانۋار ئابى شىنزۇ ئامېرىكا، كورېيە، رۇسىيەنى ئۆزىگە تارتماقتا، ياپونىيەنىڭ جۇڭگونى قورشاۋغا ئېلىش دىپلوماتىيە جېڭى باشلاندى دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ تەختكە چىققاندىن كېيىن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قايتا تەڭشىدى، ئۇ كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىنى سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى قىلىشى مۇمكىن. مۇئاۋىن باش ۋەزىر تارۇ ئاسۇ يېقىندا بېرمىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، سابىق باش ۋەزىر ياشىرۇ مۇرى بۇ يىل 2-ئايدا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ، باش ۋەزىر مەھكمىسىمۇ جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى باھالاشقا باشلىدى.
دىپلوماتىيە ئەربابلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئابى شىنزۇ ھۆكۈمىتى ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، جۇڭگوغا بېسىم ئىشلىتىپ، بېيجىڭ بىلەن سۆزلىشىشنىڭ بۆسۈش نۇقتىسىنى ئىزدىمەكچى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە