- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چەتئەللەردە سېرىق چىراغ يانغاندا ماشىنىلار يول يۈرەمدۇ ياكى توختامدۇ؟(3)
2013.01.05 14:07
كورىيەدە سېرىق چىراغتىن ئۆتۈپ كەتسە، شوپۇردىن 15 نومۇر تارتىلىدۇ.
كورىيەنىڭ قاتناش قائىدىسىدە مۇنداق دەپ بەلگىلەنگەن: ماشىنا توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن سېرىق چىراغ يانسا، جەرىمانە قويۇلمايدۇ ھەم نومۇر تارتىلمايدۇ؛ ئەگەر ماشىنا توختاش سىزىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە سېرىق چىراغ يانسا، شوپۇر ماشىنىنى تورمۇزلىشى كېرەك. شوپۇر سېرىق چىراغ يانغاندا زورمۇ-زور ئۆتۈپ كەتسە، پىكاپقا 60 مىڭ ۋون يەنى 350 يۈەن، مىنىبۇسقا 70 مىڭ ۋون يەنى 410 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، شوپۇردىن 15 نومۇر تارتىلىدۇ. شوپۇرنىڭ تارتىلغان ئومۇمىي نومۇرى 40 تىن ئېشىپ كەتسە پىراۋىسى 40 كۈن ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ. كورىيە سېئۇل يەرلىك ساقچى نازارىتى خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۆت كوچا ئېغىزىدىكى سىگنال چىرىغىغا قارىماي سادىر قىلغان قاتناش ۋەقەسى بىر قەدەر ئېغىر بولسا، كورىيە ئاممىسى سېرىق چىراغتىن ئۆتۈپ كېتىش قىلمىشىغا جەرىمانە قويۇشنى قۇۋۋەتلەيدىكەن. كورىيە ئاساسلىق تۆت كوچا ئېغىزلىرىغا نازارەت سىنكۆزى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، سىگنال چىرىغىغا ئەمەل قىلماسلىق قىلمىشى زور دەرىجىدە ئازايدى. مۇخبىر كورىيەدە يولغا چىققاندا، كورىيەدىكى نۇرغۇن شوپۇرلار ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغانلىقى، شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدىگەندە ئۆز ئارا يول قويۇشقا دىققەت قىلىدىغانلىقى، يوللاردا مەخسۇس ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچىلار ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن قاتناشنىڭ ناھايىتى تەرتىپلىك ئىكەنلىكىنى كۆردى.
گېرمانىيەدە 50 مېتىرنىڭ سىرتىدا سېرىق چىراغنى كۆرگەندە ماشىنىنى تورمۇزلاش كېرەك.
گېرمانىيەدە سېرىق چىراغ يانغاندا، شوپۇر يول ئېغىزى بىلەن بولغان ئارىلىق ۋە ماشىنا سۈرئىتىگە ئاساسەن، تورمۇزلاش ياكى سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىشكە ھۆكۈم قىلىشى كېرەك. گېرمانىيەنىڭ قاتناش قائىدىسى مۇتەخەسسىسى ئېرنىست بائۇر شوپۇرلارنىڭ سېرىق چىراغ يانغاندا جىددىي تورمۇزلىشى سەۋەبلىك تېخىمۇ كۆپ قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىشىدىن ئەندىشە قىلدى. سېرىق چىراغ يانغاندا ماشىنىنىڭ داۋاملىق ئۆتۈپ كېتىش-كەتمەسلىكى گېرمانىيەدە 1959-يىلىدىن تارتىپلا مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان. بائۇر مۇنداق دەپ قارىدى: سېرىق چىراغ يانغاندا ئۆتۈپ كېتىش-كەتمەسلىك بىر ماتېماتىكىلىق مەسىلە. گېرمانىيە شەھەرلىرىدە ماشىنىلارنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 50 كىلومېتىر، شۇڭا شوپۇرلار ماشىنىنى سائىتىگە 50 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە ھەيدەپ كېتىپ بارغان بولسا، سېرىق چىراغ يېنىش ھەم ئۇنىڭغا تورمۇزلاش ۋاقتىنى قوشقاندا ماشىنا توختاشقا 50 مېتىر ئارىلىق كېتىدۇ. شۇڭلاشقا، شوپۇر 50 مېتىرنىڭ سىرتىدا سېرىق چىراغنى كۆرگەندە تورمۇزلىشى 50 مېتىر ئىچىدە كۆرگەندە، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك. بۇ-گېرمانىيە شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىدە قوللىنىلىدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى. گېرمانىيەدىكى ئىككى يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ سېرىق چىراغ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى ھەققىدىكى ھۆكۈمىدىن قارىغاندا ماشىنىنى تورمۇزلاش كەينىدىكى ماشىنىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئەھۋالدا، سېرىق چىراغ ماشىنىنى توختىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەگەر كەينىدىكى ماشىنىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولسا، سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك.
ياپونىيەدە قاتناش قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىنىدۇ، سېرىق چىراغتىن ئۆتۈپ كېتىش چەكلىنىدۇ.
ياپونىيە شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: سېرىق چىراغ بىلەن قىزىل چىراغدا ئوخشاش ماشىنىنى توختىتىش كېرەك. ئەگەر قار، يامغۇر ياغقان يولغا، مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولسا ياكى جىددىي تورمۇزلاش سەۋەبىدىن سوقۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار يۈز بەرسە، ماشىنا سېرىق چىراغ يانغاندا ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ترېنېرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: سېرىق چىراغ ئورنىتىشتىكى مەقسەت سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، بۇنىڭدا شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى شۇنداقلا بىھۇدە قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. مۇخبىر ياپونىيەدە ماشىنا ھەيدىگەندە ماشىنىلار سېرىق چىراغتىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغاندا، قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلمىسىلا قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئادەتتە جەرىمانە قويمايدىغانلىقى ۋە نومۇر تارتمايدىغانلىقىنى بايقىدى. ياپونىيەنىڭ قاتناش قائىدىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇكى، شوپۇرلار چوقۇم پىيادىلەرگە يول بېرىشى شەرت. بىر قىسىم ياپونىيەلىك دوستلار مۇخبىرغا: ياپونىيەنىڭ قاتناش قائىدىسى ناھايىتى چۇۋالچاق بولسىمۇ، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى قوغدىلىدىغانلىقتىن، كۆپچىلىكمۇ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا رازى دېدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە