باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

چەتئەللەردە سېرىق چىراغ يانغاندا ماشىنىلار يول يۈرەمدۇ ياكى توختامدۇ؟(2)

2013.01.05 14:07        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تايلاندتا سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىش قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىش دەپ قارىلىپ 300 تايلاند باختى يەنى 62 يۈەن جەرىمانە قويىلىدۇ.

  كوچا ئېغىزىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر قاتناش ساقچىسى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تايلاند شوپۇرلىرى سېرىق چىراغنى ساقچى سىگنالى دەپ قارايتتى، سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىش بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەمەس، شۇڭا كۆپلىگەن شوپۇرلار سېرىق چىراغ يانغاندا سۈرەتنى تىزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇ يول ئېغىزىدىكى قاتناش بەلگە سىزىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: يول ئېغىزىنىڭ ھەر بىر يۆنىلىشىدە كەڭ ئاق سىزىق بار، شوپۇرلار سېرىق چىراغ يانغاندا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ سىزىقنىڭ كەينىگە توختىشى كېرەك. ئەگەر ئاپتوموبىللار سېرىق چىراغ يانغاندىن كېيىن ئاق سىزىقتىن قەستەن ھالقىپ سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كەتسە، قىزىل چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىلەن باراۋەر بولىدۇ. ئەگەر سېرىق چىراغ يانغاندا ئاپتوموبىللار ئاق سىزىقتىن ئاللا بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن بولسا، داۋاملىق يۈرىۋەرسە بولىدۇ.تايلاند دۆلەتلىك ساقچى باش تەپتىشىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش قاتناش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىشتا ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى نىشان كۆزدە تۇتۇلدى.

  1. ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئەتنى تىزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسىنىڭ سادىر بولۇشىنى توسۇش.

  2. ئاپتوموبىللارنىڭ يول ئېغىزىدا توسۇلۇپ قىلىپ، باشقا يۆنىلىشتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى تۈگىتىش. ئۇ مۇنداق دېدى: مۇۋاپىق قاتناش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى تۈزۈش، ئەسلىھەلىرى تولۇق قاتناش مۇئەسسەسەلىرىنى تەسىس قىلىش ئاپتوموبىللار ۋە پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  رۇسىيەدە سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كەتسە 1000 رۇبلى جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  رۇسىيەنىڭ تاشيول قاتنىشى بەلگىلىمىسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: سېرىق چىراغ بىلەن قىزىل چىراغ ئوخشاشلا يول يۈرۈشنى مەنئىي قىلىش بەلگىسى. ئاپتوموبىللار سېرىق چىراغ يورۇغاندا توختىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا 1000 رۇبلى يەنى تەخمىنەن 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئاپتوموبىل يول ئېغىزىدا سېرىق چىراغنى كۈتۈپ تۇرغاندا ، ماشىنا گەۋدىسى توختاش سىزىقىدىن ھالقىپ كەتسە يەنىلا جەرىمانە قويۇلىدۇ. لېكىن جىددىي توختىتىشقا توغرا كەلگەن ئەھۋالدا ئاپتوموبىل سېرىق چىراغ يانغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ. ئەمەلىي مەشغۇلاتتا موسكۋانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىكى كوچا ئېغىزلىرىغا سىنكۆز ئورنىتىلمىغان ، قاتناش ساقچىلىرىمۇ نازارەت قىلىپ تۇرمايدۇ، شۇڭا موسكۋادا سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ، كۆپلىگەن كىشىلەر سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ جەرىمانە تۆلىمەيدۇ ھەمدە نومۇرى تارتىلمايدۇ. بۇنىڭ شوپۇرلار تەلەي سىنايدۇ، ئامما قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مۇراجەت قىلىدۇ. موسكۋادىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ترېنېرى ئەليىف مۇنداق دېدى: سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىشنى مەنئى قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر، چۈنكى كۆپلىگەن شوپۇرلار سېرىق چىراغ يانغاندا سۈرئەتنى ئۇشتۇمتۇت تىزلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە