- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چەتئەللەردە سېرىق چىراغ يانغاندا ماشىنىلار يول يۈرەمدۇ ياكى توختامدۇ؟(1)
2013.01.05 14:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سېرىق چىراغدىن ئۆتۈش ھادىسىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن، كۆپلىگەن دۆلەتلەر قاتتىق بولغان تاشيول قاتنىشى قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى چىقىرىپ، نومۇر تارتىش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، شوپۇرلار ۋە پىيادىلەرنىڭ سېرىق چىراغدا توختاش ئېڭىنى كۈچەيتتى. قىسمەن دۆلەتلەر جازالاش تەدبىرىدىن باشقا يەنە ئاممىغا بولغان قاتناش بىخەتەرلىكى تەلىم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېشىل چىراغدا يول يۈرۈش، قىزىل چىراغ، سېرىق چىراغدا توختاشتىن ئىبارەت قاتناش ئاڭلىقلىقىنى شەكىللەندۈردى.
بېلگىيىدە سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىپ ۋەقە سادىر قىلسا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرمەيدۇ.
بېلگىيەنىڭ « تاشيول قاتنىشى جازالاش نىزامى» دا مۇنۇلار بەلگىلەنگەن: سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كەتسە بىر قېتىمدا 100 ياۋرو جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل قىلمىش بىلەن قاتناش ۋەقەسى سادىر بولسا ، شوپۇر ئەدلىيە جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان زىياننى سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەپ بەرمەيدۇ، ئاپتوموبىل سۇغۇرتا كېلىشىمى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ. ۋېلىسىپىت پادىشاھى دەپ ئاتىلىدىغان گوللاندىيەنىڭ ئەھۋالى بېلگىيەنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ئامىستېردام، گائاگا قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ يوللىرىدا تىرامۋاي، ۋېلىسىپىت، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يوللىرى ئۆز ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. يول ئېغىزىدىكى سېرىق چىراغ تەخمىنەن تۆت سېكۇنت يېنىپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بەزى كىرا ئاپتوموبىللىرىنىڭ تىزلا ئۆتۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرىسىز، لېكىن بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بىراق يېشىل چىراغ يانغان ياكى سېرىق چىراغ يانغان بولسۇن، پىيادىلەر بولسىلا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا يول بېرىدۇ، پىيادىلەرگە يول بېرىشكە گەپ كەتمەيدۇ. بېلگىيەلىك بىر كىشى مۇنداق دېدى: چىراغدىن ئۆتۈپ كەتمەسلىك، سۈرەتكە چەك قويۇش قۇرامىغا يەتكەن ھەر بىر كىشىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئاساسى ساپا بولۇپ، ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ. ئۇ سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇنداق دېدى: نېمە ئۈچۈن سېرىق چىراغدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، ناھايىتى بىر سېكۇنتنىڭ ئىشىغۇ؟ بۇنى دەپ ھاياتقا سەل قاراشقا قانداق بولىدۇ؟ بىريۇسسېل شەھەر مەركىزىگە يېقىن جايدىكى بىر شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ترېنېرى مۇنداق دېدى: شوپۇر بىلەن پىيادىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا قاتناش چىرىغىغا تايىنىپلا قالماستىن، ھەممە كىشى ئاڭلىق رىئايە قىلىشى ھەمدە قاتناش قائىدىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش ياخشى ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە