باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خەلق گېزىتى باھالاپ چىققان 2012-يىللىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئون چوڭ خەۋەر(2)

2012.12.28 14:45        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بو شىلەي (ماتېرىيال سۈرەت)
  چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقى كۈچەيتىلدى

  بوشىلەي قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى


  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 28-سېنتەبىردىكى يىغىنىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ «بو شىلەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتى»نى قاراپ چىقىپ ۋە ماقۇللاپ، بو شىلەينى پارتىيەدىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش، باشقا جىنايەت مەسىلىلىرى ۋە جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بو شىلەيگە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىپ، پارتىيە 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7-ئومۇمىي يىغىنىدا جازانى رەسمىي تەستىقلاش؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرلار قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بو شىلەيگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن قوغلاش جازاسى بېرىش؛ بو شىلەينىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى ۋە جىنايەت يىپ ئۇچلىرىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە