شۇ يەر ۋاقتى 26-دېكابىر، رۇسىيە سىبىرىيە رايونىدا تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادوسقا چۈشۈپ قالدى. شۇ يەردىكى بىر بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇ ئۈزۈش كىيىمىلا كىيگەن بالىلارنى قارلىققا باشلاپ كېلىپ يۇيۇندۇردى. يەسلى خىزمىتى بويىچە بولغاندا، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش بولماستىن، ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ئۆزلىرى خالاپ قاتناشقان پائالىيەت ئىكەن، ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى بۇ پائالىيەتتىن چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىش ھوقۇقى بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەت نەچچە ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئېمونت كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، بالىلار بۇ چېنىقىش پائالىيىتى ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلەلەيدىكەن.