مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى

2022.04.08 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىم كۆزنىكى. 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، «ئەرزىيەت خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىندى ھەمدە 5- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام»نى تۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيەمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى قانات يايدۇرۇش تەجرىبىلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەش پارتىيەنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە، ئەرزىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى. بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي مىزانى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلق ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق ۋە مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئەرزىيەت ۋەزىيىتىگە قانداق قاراش، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش قاتارلىق مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق خەلق قارىشى، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەنى تولۇق نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەرزىيەت سىستېمىسىدىكىلەر خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىدى، ئەرزىيەت كادىرلىرى جاپاغا چىداپ تىرىشىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ تۇنجى ئەھمىيىتى ھەر ۋاقىت ئۆزىنى خەلقنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قاراش، قەلبنى خەلققە يېقىنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئەرزىيەت ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىدىغان ئاممىۋى خىزمەت، ئەرزىيەت يولى ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋا تەلىپىنى ئېنىقلاپ، خىزمەتتىكى پەرق ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۇنى ياخشىلاپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.» شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئەرزىيەت خىزمىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق رايىنى ئىگىلەش، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى، ھەر دەرىجىلىك ئورگانلار، ئورۇنلار ۋە ئۇلاردىكى رەھبىرىي كادىرلار، خادىملارنىڭ ئاممىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلىشىدىكى مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق دەۋا تەلىپىنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى بالدۇر، كىچىكىدىن، ئاساسىي قاتلامدا تىرىشىپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىغا ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىنغانلىقى، مەنپەئەتىنىڭ ئۈنۈملۈك قوغدالغانلىقىنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشى كېرەك.

  بىر ئۈلۈش ئورۇنلاشتۇرۇش، توققۇز ئۈلۈش ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ھەرقايسى جايلار، تارماقلار يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ۋە تەلىپىنى ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىلەرنى قانۇن، سىياسەت بويىچە ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى مەنبەدىن تۈزەپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەرزىيەت خىزمىتى مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەرزىيەت خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. «نىزام»نى ئىجرا قىلىش بويىچە ئاممىنىڭ مۇۋاپىق دەۋا تەلىپىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا ھەقىقىي ھەل قىلىپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، سىستېمىلىقلىقى، قاراتمىلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەريانىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش جەريانى قىلىشى كېرەك.

  يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلققە بولغان ھېسسىياتنى چىڭ ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئەرزىيەت خىزمىتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلىسەكلا، يېڭى دەۋردىكى ئەرزىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ توپلىيالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ