باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ گۈزەل شىنجاڭلىقلاردىن بولايلى

«مەمەتنىڭ گۈللىرى» خەيرىيەت ئۈندىدار سۇپىسى مېھرىبانلىق يەتكۈزمەكتە

2015.05.20 18:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ شىنشىن يېقىندا «مەمەتنىڭ گۈللىرى» ئىستۇدېنتلار خەيرىيەت كوللېكتىپ ئىئانە توپلاش ئۈندىدار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ 50 يۈەن ئىئانە قىلدى. «مەمەتنىڭ گۈللىرى» خەيرىيەت جەمئىيىتى بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغانىدى.

  شۇ چاغدا، ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندىن توختىماي چىقىۋاتقان «مەمەتنىڭ گۈللىرى» خەيرىيەت جەمئىيىتىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق تەشۋىقات قىسقا فىلىمىنى كۆرگەن نۇرىمانگۈل مەمەت بىلەن نۇربىيەم مەمەتنىڭ كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە ئىنستىتۇتىنىڭ 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، پوسكام ناھىيەسىنىڭ ئىككىسۇ يېزىسىدىن. ئاچىسى نۇرىمانگۈل مېيىپ بولۇپ قېلىپ ماڭالمىغىلى ئون يىلدىن ئاشقانىدى. سىڭلىسى نۇربىيەم ئاچىسىنى يۈدۈپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان ھەم 2013 - يىلى ئىككىسى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەنىدى. ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرگەندىن كېيىن، نۇربىيەم داۋاملىق ئاچىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئۇنىڭ ئاچىسىنى يۈدۈپ ئوقۇشتەك ھېكايىسى ناھايىتى تېز مەكتەپكە ۋە جەمئىيەتكە تارالدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشى ئۇلارغا مېھىر - مۇھەببەت قولىنى سۇندى. نۇربىيەم مەمەت يەنە 2013 - يىللىق «جۇڭگو ئىستۇدېنتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ غەيرەتلىك چولپان» دېگەن نامغا ئېرىشىپ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە مەزكۇر شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر ئوقۇغۇچى بولۇپ قالدى.

  نەچچە ئاي تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق، بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندا، بۇ ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، مەكتەپتە خەيرىيەت جەمئىيىتى قۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولدى. نۇربىيەم خەيرىيەت جەمئىيىتىنىڭ نامى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئاچا - سىڭىل ئىككىمىز كۆڭلىمىز يېرىم بولغاندا ياكى خۇشال بولغاندا، بىر - بىرىمىزگە تايىنىمىز، قىيىن چاغلاردا بىر - بىرىمىزگە ھەمراھ بولدۇق. لېكىن بىزنىڭ يېنىمىزدىمۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار بار، ئۇلار مەكتەپكە يالغۇز كەلگەن، ئۇلار قېرىنداشلارچە غەمخورلۇققا موھتاج، شۇ سەۋەبتىن بىز مانا مۇشۇنداق جەمئىيەت قۇرۇپ، ئۇلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلىدۇق».

  ئىگىلىشىمچە، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ھازىر شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە يېتىم ھەم مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان مەكتەپ بولۇپ، يېتىم ۋە مېيىپ ئوقۇغۇچىدىن 41 ى بار ئىكەن. مەكتەپنىڭ «مەمەتنىڭ گۈللىرى» خەيرىيەت جەمئىيىتىنى قۇرۇشىدىكى مەقسىتى ئوقۇغۇچىلاردا مېھىرلىك قەلبلەرنى يېتىشتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىش ئىكەن. بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى بەش كارخانا «مەمەتنىڭ گۈللىرى» خەيرىيەت جەمئىيىتى ئۈچۈن تۇنجى خەيرىيەت سوممىسى ھېسابىدا 35 مىڭ يۈەن ھەم ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئىككى ئوقۇغۇچىغا كومپيۇتېر ئىئانە قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر