باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاسىتە قاراشلىق سەككىز ئالىي مەكتەپ ۋە سەككىز ئورۇندا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2016.05.10 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسى 2016-يىللىق تەكشۈرۈش خىزمىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچقان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر يۈەن گۈيرېننىڭ ھاۋالىسى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ يۈبو پارتگۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن سەپەرۋەرلىك دوكلاتى بەرگەن، پارتگۇرۇپپا ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مىنىستىرلىقتا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لىيىڭ «ج ك پ مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن 2016-يىللىق بىرىنچى نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىنى تەقسىم قىلىش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلغان ھەم كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تۈغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.

  پارتگۇرۇپپىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 2016-يىلى 30 دىن كۆپرەك ئورۇنغا كۆزىتىش تەكشۈرۈشىنى قانات يايدۇرىدۇ. تۇنجى قېتىم ئەۋەتىلگەن 12 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئايرىم-ئايرىم بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، شاڭخەي مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، خېخەي ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي جۇڭگو مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق سەككىز بىۋاسىتە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە جۇڭگو پەن تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ دەرسلىكى تەرەققىيات مەركىزى، مائارىپ مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى تەتقىقات ئورنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى چەت ئەلدە ئوقۇغانلارغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى، مائارىپ مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ جابدۇقچىلىقى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات مەركىزى، جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق سەككىز بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردا كۆزىتىش تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر