- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى دەرسلىكلەر ھەقسىز قىلىنىدۇ
2015.11.19 14:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 18-نويابىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىدا، شەھەر، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ خىراجىتى كاپالەت مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئاممىۋىي مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىندى.
يىغىندا، 2016-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، دۆلەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە تەڭ پايدىلىنىدىغان خىراجەت ئۆلچەم سوممىسىنى بىر تۇتاش بېكىتىپ، شەھەر، يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرى (خەلق قۇرغان مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە بېكىتىلگەن سوممىدىن ئاز بولمىغان ئۆلچەم بويىچە تولۇقلىما بېرىش قارار قىلىندى. ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر، شىمالدىكى ئىسسىنىدىغان رايونلاردىكى مەكتەپلەر ۋە كۆلىمى سەل كىچىك بولغان مەكتەپلەرگە بولغان تولۇقلىما سەۋىيەسى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ. ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىۋىي خىراجەت تولۇقلىما ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ. 2017-يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىي مائارىپ مەكتەپلىرى (خەلق قۇرغان مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ پارچە خىراجەت پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، دەرسلىكلەر ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياتاقلىق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تۇرمۇش خىراجىتى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ. يۇقىرىدا دېيىلگەن سىياسەتلەرنى مەركەز ۋە يەرلىك بىر تۇتاش تۈر بۆلۈپ، خىراجەتلەر نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ، كېلەركى ئىككى يىلدا 15مىليارد يۈەن مالىيە سېلىنمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر