- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنىدۇ
2015.03.24 16:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24 -مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى،بۇ يىل شىنجاڭدا باشتا نەتىجە بىلەن نومۇر چېكى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئارزۇ تولدۇرىدۇ؟ ئۇنداقتا قانداق ۋاقىتتا نومۇرنى ئېلان قىلىدۇ،نەچچە كۈن ئارزۇ تولدۇرغىلى بولىدۇ؟مانا بۇ ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندى
23-مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ يىل 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئورۇن رېتى ئېلان قىلىنىدۇ؛6-ئاينىڭ 26-كۈنى ھەر خىل تىل ۋە ھەر تۈركۈمنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ يەتكۈزۈش نومۇر چېكى ئېلان قىلىنىدۇ؛ نۆلىنجى تۈركۈمدىكى تولۇق كۇرس ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 20 گىچە؛ باشقا تۈركۈمدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 20 گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى).
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر