- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ، دېدى
2015.03.09 15:08 مەنبە: خەلق تورى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ،8-مارت تېلېگراممىسى. «مائارىپ تارماقلىرى نۇمۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرىنى ئازايتىدۇ.... بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسەتلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، يۆلەش سىياسىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ.» مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يۈەن گۈيرېن 8- مارت زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەندىم، مائارىپ ئىسلاھاتىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر مەدەت ئالدىم.
يۈەن گۈيرېن مۇنداق دېدى: رايونلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى پەرقىنى ئازايتىش جەھەتتە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. كۆپچلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى كۆردۇڭلار، بۇ يىل تولۇق كۇرس، ئالىي تېخنىكومغا 6 مىليون 980 مىڭدىن 7 مىليونغىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 20 مىڭ كۆرسەتكۈچ ئوتتۇرا،غەربتىكى نوپۇسى كۆپ ئۆلكىكلەرگە بېرىلىدۇ.
يۈەن گۈيرېن نۇمۇر قوشۇپ بېرىش تۈرلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك نۇمۇر قوشۇپ بېرىش سىياسىتى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىپ، يۆلەش سىياسەتلىرىلا ساقلاپ قىلىنىدۇ، يەنە يەرلىك نۇمۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسىتى %60 تىن كۆپرەك ئازايتىلىدۇ، ئون نەچچە ئۆلكىنىڭ يەرلىك نۇمۇر قوشۇپ تۈرلىرى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر