- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


بېيجىڭ سەنئەت–تاراتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدۇ
2014.09.02 11:21 مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ سەنئەت – تارتقۇ كەسپىي ئىنستىتۇتى شىنجاڭدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 100 ئوقۇغۇچىنى ھەقسىز قوبۇل قىلىدىكەن، بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەر يىلى ياتاق پۇلى ۋە ئوقۇش ماتېرىيال پۇلى ئۈچۈن 2000 يۈەن تاپشۇرسىلا بولىدىكەن.
ئۇقۇشىمچە، ھەقسىز قوبۇل قىلىنىدىغان كەسىپلەرگە ئارزۇ تولدۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەنئەت كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك گۇۋاھنامىسى بولۇشى، مەدەنىيەت دەرسلىرىنىڭ نەتىجىسى چوقۇم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى مەخسۇس كۇرسنىڭ ئەڭ تۆۋەن كونترول نومۇر چېكىگە يەتكەن بولۇشى، سىياسىي – ئىدىيە جەھەتتىن ساغلام بولۇشى، دۆلەتنى، پارتىيەنى قىزغىن سۆيگەن بولۇشى، ئائىلە ئىقتىسادى شۇ جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيەسىدە بولۇشى كېرەككەن. (يېزا نوپۇسىدىكى ئوقۇغۇچىلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن، شەھەر نوپۇسىدىكىلەر ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك) مۇشۇ شەرتلەر ئاساسىدا ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى، يېتىم ئوقۇغۇچىلار، جورىسىز ئائىلىنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر